2008 -يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ دائىمى ھەيئىتى ئەركىنجان تۇراخۇن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جىڭخييەن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۈجىسى،مائارىپ نازارىتى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ شۈجىسى جاۋدېجۇڭ قاتارلىقلارنى باشلاپ ناھىيىمىزنىڭ "قوش تىل" ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلدى،ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋېن ۋالىسى ئىكرام غۇپۇر ،ۋىلايەتلىك پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋىلايەتلىك مائارىپ خىزمىتى كومىتىتىنىڭ شۈجىسى جىن يۈچۈەن، ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەھەممەت ساۋۇت ،ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ مۇئاۋېن شۈجىسى،ھاكىم ئۆمەر ئېلى،ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ دائىمى ھەيئىتى ئازادەم ئابدۇرېيىم ،خەلىق ھۆكىمىتىنىڭ مۇئاۋېن ھاكىمى ھۆريەت نەسىر قاتارلىق ۋىلايەت،ناھىيە رەھبەرلىرى تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.
تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يىتىپ كەلگەن ھامان ئالدى بىلەن غولبۇيى يېزا مەركىزى بالىلار باغچىسى، قەسقىر مەكتەپ قاتارلىق ئورۇنلاردا تەتقىق قىلىش ئېلىپ باردى، ئارقىدىن ئۇلاپلا ئىلانلىق يېزىسى،بوستان يېزىلىرىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا دائىمى ھەيئەت ئەركىنجان تۇراخۇن ناھىيىمىزنىڭ "قوش تىل " خىزمىتىدىن رازى بولغانلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە تۈۋەندىكىدەك بىر قانچە تەلەپنى ئوتتۇرغا قويدى.
1."قوش تىل " ئوقۇتۇشنى يەسلى مائارىپىدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ ئۇلارنىڭ قوش تىل ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش كېرەك.
2. باشلانغۇچ مائارىپى ئاساس، شۈڭا قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سەۋيەسىنى يەنىمۇ يۇقۇرى كۈتۈرۈپ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا ،تۇلۇق .ئوتتۇرا قوش تىل ئوقۇتۇشىغا ھەقىقى ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.
3. "قوش تىل " ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەشكە ئەۋەتىش ۋە ئىش ئورنىدا تەبىلەش خىزمىتىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ياخشى ئىشلەش،"قوش تىل " ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈش كېرەك.
ئومومەن بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائاليىتى ناھىيىمىزنىڭ "قوش تىل " ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولۇپمۇ قوش تىلدىكى يەسلى مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇرىشىمىزغا ئىنتايىن مۇھىم قوزغۇتىش رولىنى ئوينىدى،شۇنداقلا ناھىيىمىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى"قوش تىل " ئوقۇتۇشىنى يەنىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.







